Chinese→UyghurMain Dictionary
不合作运动
دۇنيا تارىخى
ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى
پۇقرالارنىڭ بويسۇنماسلىق ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گەندى رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى. 1920 - يىلى 9 - ئايدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ كالكۇتتا يىغىنىدا، گەندى تۈزگەن ھەمكارلاشماسلىق پروگراممىسى تەستىقلانغان. ئاساسىي مەزمونى: قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، سوت، مەكتەپلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىش، ئائىلە قول ھۈنەر توقۇمىچىلىقىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەنگلىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش؛ دۆلەتلىك ۋەزىپىلەرنى بايقۇت قىلىپ، ھۆكۈمەت بەرگەن نام - شۆھرەت ۋە پەخرىي ۋەزىپىلەرنى رەت قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاساسىي پرىنسىپى زوراۋانلىق ھەرىكەت قىلماسلىق. شۇ يىلى 12 - ئايدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ ناگپۇر يىللىق يىغىنىدا ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش قارارى چىقىرىلىپ، كۈرەشنىڭ نىشانى <سىۋاراج> (ئاپتونومىيە) دەپ جاكارلانغان. پۈتۈن ھىندىستاندا دەرھاللا بىرىنچى قېتىملىق ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن ھەمكارلاشماسلىق كۈرىشى قوزغىلىپ، ئىش تاشلاش، بازار تاشلاش، دەرس تاشلاش پائالىيىتى، يىغىلىشلار ۋە نامايىشلار ھەرقايسى جايلاردا ئەۋج ئالغان. 1922 - يىل 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى چاۋرى - چاۋادا ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلق كونگرېسى پارتىيىسى باردورى قارارىنى چىقىرىپ، بىرىنچى قېتىملىق ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى توختاتقان. گەندى 1930 - يىل 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى داندىغا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئاشتۇزىنى مەخسۇس سېتىش نىزامىغا قارشى تۇرۇشنى مەركەز قىلغان مەملىكەت مىقياسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. پېشاۋۇر (ھازىرقى پاكىستانغا تەۋە)، كېداھ پورتى (ھازىر بېنگالغا تەۋە)، شۇلاپۇر قاتارلىق جايلاردا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1931 - يىل 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى <گەندى - ئىرۋىن كېلىشىمى> ئىمزالىنىپ ئىككىنچى قېتىملىق ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى يەنە بىر قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغان. كېيىن گەندى يەنە 1932، 1940 - ۋە 1942 - يىللىرىدا كۆپ قېتىم ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قوزغاشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆلىمى ۋە تەسىرى چوڭ بولمىغان.