UyghurMain Dictionary
بۈۋى فاتىمە ئايىمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئايەم ھىجرىيە رامىزان ئېيى (9 - ئاي) نىڭ 14 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ رەپىقىسى بۈۋى فاتىمە شۇ كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن. مۇسۇلمان ئاياللار شۇ كۈنى مەسچىتلەرگە بېرىپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ، ئىبادەت قىلىدۇ، نەرسە - كېرەك ھەدىيە قىلىدۇ، ئاخۇنۇمنىڭ بۈۋى فاتىمەنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ.