UyghurMain Dictionary
بۈيۈك تارىخ
دۇنيا تارىخى
<كارولنىڭ ھۆكۈمرانلىق تارىخى >دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. سەيلۇن (ھازىرقى سرىلانكا) نىڭ پالى يېزىقىدا يېزىلغان پادىشاھلىق ۋە بۇددا دىنىي يىلنامىسى. بۇ يىلنامىنى مىلادى Ⅵ ئەسىردە ئاقساقال ماخاناما داستان ئۇسلۇبىدا يېزىپ چىققان. بۇنىڭدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە ئارىيانلار سەيلون ئارىلىغا كۆچۈپ كەلگەندىن تارتىپ Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخ بايان قىلىنغان. Ⅳ ئەسىردەتۈزۈلگەن <ئارال تارىخى> ۋە بۇددا دىنى راھىبلىرىنىڭ ئاغزاكى ئېيتىشلىرى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىنىپ، تۆت تېمىغا ئايرىلغان. يەنى، بۇددا دىنىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشى؛ بۇددىنىڭ سەيلونغا بېرىپ دىننى تارقاتقانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەت؛ بۇددا دىنىنىڭ سەيلونغا تارقالغانلىقى ۋە بۇددا دىنى ھامىيسى، پادىشاھ دوتتاخاگامانى (مىلادىدىن ئىلگىرى 161-137 تەختتە تۇرغان)نىڭ تۆھپىلىرى. مەزمونى كۆپىنچە رىۋايەت ۋە ئاجايىپ ئىشلار بولۇپ، ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، ئىشەنگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر يېزىلغان. بىراق بەزى خاتىرىلەرنىڭ تارىخى ماتىرىيال قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇچاغدا تاشقا ئويۇلغان يېزىقلار ئىسپاتلىدى، <بۈيۈك تارىخ> ۋە ئۇنىڭ داۋامى <كىچىك تارىخ> ئوخشاشلا سەيلوننىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاساسىي ھۆججەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.