Uyghur←ChineseMain Dictionary
بۈيۈك مىللىي پارلامېنت
Domain: دۇنيا تارىخى大国民议会
dà guó mín yì huì
تۈركىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەزگىلىدە ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دۆلەت پارلامېنتىنىڭ نامى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى ۋە تۈركىيە سۇلتان ھۆكۈمىتى 1920-يىلى 3-ئايدا ئىستانبۇلدا تەسىس قىلىنغان تۈركىيە دۆلەت مەجلىسىنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن كامالچىلار شۇ يىلى 4-ئايدا ئەنقەرەدە يېڭى پارلامېنت چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بۈيۈك تۈركىيە پارلامېنتى دەپ نام بەرگەن. پارلامېنتنىڭ رەئىسلىكىنى كامال ئۈستىگە ئالغان. پارلامېنت ئەزالىرىنى جايلار سايلاپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى سودىگەر، پومىشچىك، ئەمەلدار ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى دىنىي ئەربابلار بولغان ھەمدە 1-نۆۋەتلىك بۈيۈك خەلق پارلامېنتى ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىنغان. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە تۈركىيە دۆلەت پارلامېنتى مۇشۇ نامنى قوللىنىپ كەلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.