Uyghur←ChineseMain Dictionary
بۇبىنوۋ
دۇنيا تارىخى
布勃诺夫
bù bó nuò fū
(1883 - 1940) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، ئىۋانوۋو، ۋوزنېسكىسكىدا پارتىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ھەمدە پېتېروگراد سوۋېت ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوراللىق قوزغىلاڭ پارتىيە باش ئورگىنىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئوكرائىنا ئۇرۇش لىنىيىسىدە قىزىل ئارمىيىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئاقلار ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقان. <سولچى كوممۇنىزمچىلار> گۇڭرۇھىغا، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تەرەپدارلىرىغا ۋە تروتىسكى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىغا قاتنىشىپ، پارتىيىنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە ئۇچرىغان. 1925-يىلى ئىتتىپاق كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 9192 - 1937-يىللىرى روسىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ مائارىپ خەلق كومىسسارى بولغان. <جەڭگىۋارلىق تەلىم - تەربىيە ۋە سىياسىي خىزمەت> قاتارلىق 200 پارچىدىن ئوشۇق ھەربىي ئىشلارغا دائىر ئەسەر يازغان.