UyghurMain Dictionary
بىتەلەي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەختى - تەلىيى يوق، بەخت - تەلەيدىن مەھرۇم، بەخت - سائادەتكە ئېرىشەلمىگەن.
خەقنى بەختسىز قىلغاننىڭ ئۆزىمۇ ياخشى كۈنگە قالمايدۇ. بەخت ئىچىگە بەختسىزلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بەختىڭ قارا بولسا بولسۇن، كۆڭلۈڭ قارا بولمىسۇن. بەتبەخت بولماي دېسەڭ، بەختىڭنى ئاسرا. تەلەيسىزنىڭ سېڭىغا بۇغدار قويسا، ئارپا چىقار. تەلەيخان تەلەيسىز بوپ قاپتۇ. بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللاكۇدىن يار كېتىپتۇ. بىتەلەي تالقان يېسە، قارنىدىن بوران چىقىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
«تەلەيسىز» گە قاراڭ.
بىتەلەي ئادەم.
بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللاكۇدىن يار كېتىپتۇ (ماقال).