UyghurMain Dictionary
بېشىنى ئىككى قىلىپ قويماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوغۇل - قىز، ئەر - خوتۇننى بىر - بىرىگە نىكاھلاپ تۇرمۇشلۇق قىلىپ قويماق.
ئۇ ئىككىسى بىر - بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئوخشايدۇ، ۋاقتىدا بېشىنى چېتىپ قويايلى. خەلق ئىچىدە «بېشىڭ ئىككى بولمىغۇچە، قاچاڭ ئىككى بولماس» دېگەن گەپ بار. ئەمدى بېشىڭنى ئىككى قىلىپ قويايلى. پادىشاھ 40 كېچە كۈندۈز توي قىلىپ، ئىككىسنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويۇپتۇ.
Domain: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرئوغۇل بولسا ئۆيلەپ، قىز بولسا ياتىلىق قىلىپ قويماق: - داۋۇت ئاكام سەپەرگە چىقىش ئالدىدا غالىنىڭ بېشىنى ئىككى قىلىپ قويماقچى بولغانىدى، لېكىن ئۈلگۈرەلمەي قالدى، - دېدى ئۇ ساۋۇت ئاكىغا.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.