UyghurMain Dictionary
بىشەم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوقىلاڭ تۆھمەت بىلەن كىشىگە يولسىز چاپلىشىۋالىدىغان، غەرەز ئۇقمايدىغان.
<بىشەم> كۆپرەك ئاياللارغا قارىتىلىدۇ.
<ئىستارە>، <بەتكەردە> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
باتۇر ئاڭقاۋ كېلىدۇ. پالۋان ئۆكتەم. بىشەم خوتۇن بەش كۈنلۈك، بېزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك. ئۇششۇق ئۇشتۇمتۇتلا ئېسىلىدۇ. مۇتتەھەم كىمنىڭ ئېشىنى يېسە، شۇنىڭ بېشىنى يەيدۇ. قەلەم بىچارە، موللا ئىستارە. بەتكەردىدىن يىراق بول.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىدىغان، يولسىز.
مۆمىن، بىچارە، بايقۇش
ياۋاش - يۇمشاق، چارە - ئامالسىز، كۈچ - قۇۋۋەتسىز.
قەھرىتان سوغوقتا قاۋانمۇ مۆمىن. ئۆمەر بېگىم ئوڭدا يېتىپ پولۇ يېدى، مامۇت مۆمىن بوغداي تېرىپ دۇمبا يېدى. بايقۇشنىڭ بارىدىغان يېرى يوق، قورسىقى يېرىم ئاچ، يېرىم توق. ئۆكتەم يولداش بەش كۈنلۈك، بىشەم خوتۇن بىر كۈنلۈك. مۇتىھەم كىمنىڭ ئېشىنى يېسە، شۇنىڭ بېشىنى يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئىزا تارتمايدىغان، بەتخۇي؛ قىلىقسىز.
يۇنۇس ئەسلىدىمۇ كالتە پەم، بىشەمرەك ئادەم ئىدى.