Uyghur←ChineseMain Dictionary
بىساۋ
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر比绍
bǐ shào
گۋېنىيە بىساۋ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، چوڭ پورت شەھىرى. ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى گېبا دەرياسىنىڭ بىساۋ ئارىلىغا جايلاشقان. بۇ ئارال توسما ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. شەھەر ئاھالىسى 120 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بىساۋ رايونىغا 1446 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرىپ، مۇستەملىكىچىلىك پونكىت ۋە قۇل سودا بازارلىرىنى قۇرغان. بىسساۋ پورتى 1869 - يىلى ئەركىن پورت بولۇپ ئېچىلغان. 1941 - يىلىدىن باشلاپ شۇ رايوننىڭ مەركىزى بولغان، ھازىر گۋېنىيە بىساۋ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى. شەھەردە ياغ چىقىرىش، گۈرۈچ ئاقلاش، ياغاچچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇ جايدىن سىرتقا خاسىڭ، قۇرۇتىلغان، پالما، پالما يېغى، ياغاچ ماتېرىياللىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
Domain: ئۇنىۋېرسال比绍
bǐ shào
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.