Uyghur←ChineseMain Dictionary
برۇندىسيۇم
دۇنيا تارىخى
布伦迪辛
bù lún dí xīn
قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ كالابرىيە تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى مەشھۇر شەھەر بولۇپ، ئادرىياتىك دېڭىز ساھىلىدىكى مۇھىم بىر پورت. رىم شەھىرىدىن كاپۇئا ئارقىلىق جەنۇبىي ئىتالىيىگە بارىدىغان <ئاپىيا چوڭ يولى> نىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. رىم سودا كارۋانلىرى ۋە قوشۇنلىرى گرېتسىيىگە ياكى شەرق تەرەپتىكى رايونلارغا بېرىشتا، كۆپىنچىسى برۇندىسيۇم پورتىدىن كېمىگە چىقىدۇ. يەنى ھازىرقى برىندىسى.