Uyghur←ChineseMain Dictionary
برۇگگى ئەتىگەنلىك ئىبادەت قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
布鲁日晨祷起义
bù lǔ rì chén dǎo qǐ yì
1302-يىلى فلاندېرستىكى برۇگگې شەھىرى قول سانائەتچىلەرنىڭ فرانسىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى قوزغىلىڭى. 1300-يىلى فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅳ ئەسكەر چىقىرىپ فلاندېرسىنى بېسىۋالغان. برۇگگې خەلقى 1302-يىل 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەندە چېركاۋنىڭ ئەتىگەنلىك ئىبادەت قوڭغۇراق ئاۋازىنى بەلگە قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تەخمىنەن ئۈچ مىڭدەك فرانسىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن. فلاندېرسنىڭ باشقا شەھەرلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئاۋاز قوشقان. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، فلاندېرس قول سانائەتچىلىرى بىلەن دېھقانلىرى يەنە كۇرترې جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1305-يىلى فىلىپ Ⅳ سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، فلاندېرسنى قوشۇۋېلىش نىيىتىدىن يانغان.