Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەرسوۋېت بېلورۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان شەھەر، برېست ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. برېست شەھىرى غەربىي بوگ دەرياسى بىلەن موخاۋېتىس دەريالىرىنىڭ چېگرىسىغا يېقىن جايلاشقان شەھەر، مۇھىم تۆمۈريول تۈگۈنى، برېست شەھىرى 1017 - يىلدىن باشلاپ بىنا قىلىنغان. 1795 - يىلى چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئىگىلىگەن. 19 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن كېيىن مۇھىم ھەربىي ئورۇن بولۇپ شەكىللەنگەن. 1918 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە، ئاۋسترو — ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى، بۇلغارىيە، تۈركىيىلەر بۇ جايدا <برېست كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. 1919 - يىلىدىن 1939 - يىلىغىچە پولشا تەۋەلىكىدە بولغان، 1939 - يىلىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئايرىلغان. شەھەرنىڭ ھازىرقى ئاھالىسى 177 مىڭدىن ئاشىدۇ، شەھەردە ھەرخىل ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك سانائەت ئورۇنلىرى بار.