UyghurMain Dictionary
برونېي پادىشاھى مەقبەرەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى برونېي دۆلىتىنىڭ پادىشاھى مانا نۇقاي (1380 - 1408) نىڭ مەقبەرىسى بولۇپ، ئورنى نەنجىڭنىڭ ئەندېمېن قوۋۇقى سىرتىدىكى ۋۇگۇيشەن تېغىنىڭ باغرىدا. خاتىرىلەردىن قارىغاندا، 1408 - يىلى 8 - ئايدا برونېي پادىشاھى خوتۇنى، ئۇكىسى، سىڭلىسى، ۋەزىرلىرى بولۇپ 150 نەچچە ئادەمنى باشلاپ جۇڭگوغا دوستانە زىيارەتكە كەلگەن. نەنجىڭدا كاتتا كۈتۈۋېلىنغان ھەمدە نۇرغۇن سوۋغا تەقدىم قىلىنغان. پادىشاھ يولدا ھېرىپ ئاغرىپ قالغاچقا، شۇ يىلى 10 - ئايدا 28 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە جەسىتى جۇڭگوغا دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭغا ئاتاپ مەقبەرە ياسىتىلغان. ئەتىياز، كۈزدە مەقبەرەنى سۈپۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىلىپ تۇرغان. مەقبەرەنىڭ ئالدىغا چىرايى ياقا يۇرتلۇققا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۆلىما ۋە سانغۇننىڭ تاش ھەيكىلى ئورنىتىلغان.