Uyghur←ChineseMain Dictionary
برنىشتېيىن
دۇنيا تارىخى
伯恩施坦
bó ēn shī tǎn
(1850 - 1932) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئوڭچى كاتتىبېشى. رېۋىزىئونىزمغا ئاساس سالغۇچى. يەھۇدىي ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنيا كەلگەن. بانكىدا شاگىرت ۋە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. دەسلەپ لىبېرالىزم ۋە لاسسالچىلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1872-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى (ئېيزناخچىلار) گە قاتناشقان. 1878-يىلى <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن> ئېلان قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، شۋېتساىيىنىڭ سىيۇرىخ شەھىرىگە قېچىپ كەتكەن. 1879-يىلى ئاغمىچى ئۇنسۇر گۇشبېرگ، شىرامىم بىلەن بىرلىشىپ سىيۇرىخ ئۈچلەر ئۆمىكى تەشكىل قىلىپ، ئىسلاھاتچىلىق ۋە ئوڭچىل ئاغمىچىلىق ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، ماركس، ئېنگېلسنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. 1881-يىلدىن باشلاپ پارتىيىنىڭ مەخپىي ئورگان گېزىتى - <سوتسىيال دېموكراتلار> گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. ئۇ 1888-يىلى گېزىتنىڭ تەھرىر بۆلۈمى بىلەن بىللە لوندونغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئىشچىلار بىرلەشمىچىلىرى ۋە فابىئانچىلىرى بىلەن قويۇق بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرغان. 1890-يىلى <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن> بىكار قىلىنغاندىن كېيىن يەنە پارتىيە ئىچىدىكى ۋولمار قاتارلىق ئوڭچى ئۇنسۇرلارغا ماسلىشىپ، سىنىپىي مۇرەسسەچىلىكنى تەرغىپ قىلىپ، زورلۇق كۈچى ئىنقىلابىغا قارشى چىققان. 1895-يىلى ئېنگلېس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ ماركسىزمنى بۇرمىلىغان. 1896 - 1898-يىللىرى كائوتىسكى تەھىرىرلىكىدىكى <يېڭى دەۋر> ژۇرنىلىدا <سوتسىيالىزم مەسىلىسى> سەرلەۋھلىلىك بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئوچۇقتىن - ئوچۇق ماركسىزمنىڭ <ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى> دەپ جار سېلىپ، ماركسىزمغا ئومۇميۈزلۈك <تۈزىتىش> كىرگۈزۈش دەۋاسىنى قوزغىغان. 1898-يىلى يازغان <گۇمران بولۇش نەزەرىيىسى ۋە مۇستەملىكچىلىك سىياسىتى> ناملىق ماقالىسىدە: تۇنجى قېتىم: <ئاخىرقى مەقسەت ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، ھەرىكەتنىڭ ئۆزى ھەممە> دېگەن رېۋىزىئونىزملىق فورمۇلىن كۆتۈرۈپ چىققان. 9918-يىلى يەنە <سوتسىيالىزمنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەزىپىسى> ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ رېۋىزىئونىزملىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە دىئاېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى ئىنكار قىلىپ <كانىتقا قايتىش> نى ئوتتۇرىغا قويغان. سىياسىي ئىقتىساد جەھەتتە، ماركسنىڭ ئەمگەك قىممىتى تەلىماتى بىلەن قوشۇمچە قىممەت تەلىماتىغا قارشى تۇرۇپ، كاپىتالىزم ئىقتىسادىنىڭ <ماسلىشىشچانلىقى> نى تەرغىپ قىلغان. مونوپول تەشكىلاتلار كاپىتالىزم ئىقتىساىدي كرېزىسنى تۈگىتىدۇ دەپ ھېسابلىغان. سىياسىي جەھەتتە، ماكرسنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى تەلىماتىغا قارشى چىقىپ، سىنىپىي مۇرەسسەچىلىكنى ۋە <پارلامېنت يولى> بىلەن <سوتسىيالىزمغا تىنچ ئۈسۈپ كىرىش> نى تەرغىپ قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارلامېنت ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارا قوللاپ، سوتسىيال شوۋىنىزمچىغا ئايلىنىپ كەتكەن. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبىسىدىن كېيىن، لېنىنىزمغا ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغان. 9181-يىلىدىكى گېرمانىيە نويابر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوتسىيال دېموكراتلار ئوڭچى كاتتىباشلىرى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتە مالىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، گېرمانىيە پرولېتارىيات ئىنقىلابىنى تۇنجۇقتۇرۇپ تاشلاشتىكى قول چوماققا ئايلانغان.