Uyghur←ChineseMain Dictionary
بېرىنگ ئارىلى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر白今岛
bái jīn dǎo
تىنچ ئوكياننىڭ ئەڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، بېرىنگ دېڭىزىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كوماندىر ئاراللىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال. ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كامچاتكا ئوبلاستىنىڭ بىر قىسمى، مەيدانى 1660 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئارالنىڭ شىمالىي قىسمى تۈزلەڭلىك، جەنۇبىي قىسمى تاغلىق كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 751 مېتر كېلىدۇ. ئىقلىمى سۇبئارىكتىكا ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 500 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ، ئارال تۇندىرا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلانغان، جىلغىلاردا پاكار قېيىن دەرىخى، تال قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. ئارالدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە بەك شالاڭ بولۇپ، ئاھالىسى يەرلىك ئالىئوت خەلقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلار بېلىقچىلىق ھەم ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.