UyghurMain Dictionary
بىرىنچى قېتىملىق ئۆلكىلىك مائارىپ مەمۇرىيەت يىغىنى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ تارىخى
1938 - يىلى 10 - ئايدا چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ يىغىن ئۆلكىلىك مائارىپ خىزمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋە يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان قارارنى ماقۇللىغان. بۇ يىغىن شىنجاڭنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ ئۆلكە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش مەزگىلىدىكى مائارىپنىڭ ئاساسلىق فاڭجېنىنى ئېنىق بېكىتكەن (يەنى دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيىسى، قۇرۇلۇش تەربىيىسى، ئىتتىپاقلىشىش تەربىيىسى، ئاممىۋى تەربىيە). قارار لايىھىسىدە شىنجاڭ مائارىپىنى ياخشىلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك كونكرېت چارە - تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.