UyghurMain Dictionary
بىر مىڭ توققۇزيۈز ئوتتۇز بەشىنچى يىلدىكى ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەشكىلىي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىمون تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ دوكلاتىنى ئاساس قىلىپ ئېلان قىلغان ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەشكىلىي قانۇنى. 1935-يىلى 8-ئايدائېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ قوشما شىتاتلار قىسمىنى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قىسمىنى شۇنىڭدەك بىرما ھۆكۈمىتى قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدا ھىندىستان قوشما شتاتلىرى ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرى ۋە بەگلىكلەردىن تەركىب تاپىدۇ، بەگلىكلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشسا بولىدۇ؛ قوشما شتاتلارنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ ھەممىسى باش ۋالىيغا مەنسۇپ؛ باش ۋالىينىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى ۋە قانۇن چىقىرش ئورگىنىنى تارقىتىۋېتىش، ئاساسىي قانۇننى كۈچتىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بار؛ قوشما شتاتلار مەمۇرىي ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى باش ۋالىي تەيىنلەيدۇ؛ بەگلىكتىكى ۋاڭخوجىلارنىڭ مەركىزىيقانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىغا تەيىنلەپ ئەۋەتكەن ۋەكىللىرى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى، دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ بەشتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىسە بولىدۇ؛ قوشما شتاتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشىدە ماقۇللانغان قانۇن لايىھىسى بەگلىكلەر ئۈچۈن ئىناۋەتسىز؛ ھەرقايسى ئۆلكىلەردە <قوش باشلىق سىياسىي> بىكار قىلىنىدۇ؛ ھەرقايسى ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى خەلق سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ھەمدە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىدىكى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان پارتىيە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى تەشكىللەيدۇ؛ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا مەسئۇل بولۇشى شەرت؛ ئۆلكە ۋالىيسى ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ماقۇللىغان قارارلارنى رەت قىلىش ھوقوقىغا ھەمدەبىۋاستە پەرمان چىقىرىش ۋە بۇيرۇق چۈشۈرۈشھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن. بىرما ھۆكۈمىتى توغرىسىدا: 1937-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىرما بىلەن ھىندىستان ئايرىپ ئىدارە قىلىنىدۇ؛ بىرما ھۆكۈمىتى ئەنگلىيەپارلامېنتىغا بىۋاستە قارايدۇ؛ ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى ھىندىستان بىرما ئىشلىرى ۋەزىرى دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتىلىدۇ، ئىككى پالاتالىق تۈزۈم ئورنىتىلىدۇ، يۇقىرى پالاتا 63ەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپىدۇ، يۇقىرى پالاتا ئەزالىرىنىڭ يېرىمى تۆۋەن پالاتانىڭ سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، قالغان يېرىمى باش ۋالىي تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ؛ تۆۋەن پالاتا132 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن لايىھىسى ئەنگلىيىنى يەنىلا سىياسىي ئىقتىسادىي ھوقۇقنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقتىن، ھىندىستان ۋە بىرما خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ،<قۇللۇق ئاساسىي قانۇن> دەپ ئاتالغان، قانۇن لايىھىسىنىڭ قوشما شتاتلار قىسمى ھىدىستاندىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ، يولغا قويۇشقا بولمىغان. ئۆلكىلىك ئاپتونومىيە قىسمىنى ھەرقايسى پارتىيىلەر قوبۇل قىلغان.