UyghurMain Dictionary
بىر مىڭ توققۇز يۈز سەككىزىنچى ۋە توققۇزىنچى يىللاردىكى تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى
دۇنيا تارىخى
ياش تۈركىيە ئىنقىلابى ياكى تۈركىيىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئاساسىي قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1905-1907-يىللاردىكى روسىيەئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ياش تۈركىيە پارتىيىسى ئەزالىرى 1908-يىلى 7-ئايدا ماكىدونىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئەسكەرلەرنىڭ ۋە شۇجايدىكى خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشپ، 1876-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى ھەمدە پايتەخت ئىستانبۇلغا يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، سۇلتان ئابدۇل ھەمىدⅡنى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دۆلەت مەجلىسنى قايتىدىن چاقىرىشقا مەجبۇر قىلغان. 1908-يىلى 8-ئايدا، ياش تۈركىيە پارتىيىسى بىر پروگرامما ئېلان قىلىپ، يەرلەرنى تەقسىم قىلىش، فېئوداللىق ئۆشرەزاكاتنى بىكار قىلىش، قانۇننى ئەمگەكچىلەر، ئىشچىلار تۈزۈش دېگەنگە ئوخشاش مەزمونلارنى ئوتتۇرغا قويغان. 1909-يىلى 4-ئايداتوپىلاڭ كۆتۈرگەندا ياش تۈركىيە پارتىيىسى <ھەرىكەتچان ئارمىيە> تەشكىللەپ ئىككىنچى قېتىم ئىستانبولغا يۈرۈش قىلىپ، ھەمىدنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، مۇھەممەد5(1918 - 1844)نى سولتان قىلىپ تىكلىگەن، ياش تۈركىيە پارتىيىسى ھاكىمىيەتنى تۇتقان. مەزكۇر پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۆز پروگراممىسىنى يولغا قويمىغان ھەمدە فېئودال كۈچلەر ۋە جاھانگىرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خەلققە قارشى سىياسەتنى يۈرگۈزگەن. تۈركىيىدە يېرىم مۇستەملىكە ۋە يېرىم فېئوداللىق تۈزۈم يەنىلا ساقلىنىپ قالغان.