UyghurMain Dictionary
بىرمىنىڭ مۇستەقىللىك قانۇنى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە بىرمىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان قانۇن لايىھىسى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىرمىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. 1947-يىلى 1-ئايدا ئىمزالانغان <ئاڭشەن - ئاتتلې كېلىشىمى> بىرمىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئارقىغا سوزۇش چارىسىنى قوللىنىپ، بىرما خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. شۇ يىلى 6-ئايدا بىرمىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسى مۇستەقىللىك توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللاپ، ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، تولۇق مۇستەقىللىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 10-ئايدا <ئەنگلىيە - بىرما شەرتنامىسى> ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پارلامېنتى <بىرمىنىڭ مۇستەقىللىك قانۇنى> نى ماقۇللاشقا مەجبۇر بولۇپ، بىرمىنىڭ تامامەن مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىرا قىلغان. بۇ قانۇنى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، بىرما 1948-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىللىكنى رەسمىي ئېلان قىلغان.