Uyghur←ChineseMain Dictionary
بىرلىك پەردە
Domain: بىئولوگىيە单位膜
dānwèimó
پلازما پەردە پرىپاراتىنى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، قېلىنلىقى 75A (ئۇنىڭ قېلىنلىقى ئوخشاشمايدىغان ھۈجەيرىلەردە پەرقلىنىدۇ) كېلىدىغان ھەمدە تىپىك ئۈچ قەۋەتلىك تۈزۈلۈشنى كۆرۈش مۇمكىن. ئىچكى، سىرتقى ئىككى قەۋىتى ئوسمىغا مايىللىقى كۈچلۈك بولغان ئاقسىللىق قەۋەت بولۇپ، قېنىق بويىلىدۇ، ھەر قايسىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 20°A كېلىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى بىر قەۋىتى ئوسمىغا مايىللىقى ئاجىز بولغان مايلىق قەۋەت بولۇپ، سۇس بويىلىدۇ، تەخمىنەن 35° A كېلىدۇ. سىتوپلازمىدىكى باشقا ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرى. مەسىلەن، خوندىرىئوسوما، گولگى ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ پەردىلىرىنىڭ پرىپاراتىنى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پلازما پەردىسىدىكىدەك ئۈچ قەۋەتلىك تۈزۈلۈشى بولۇپ، پەقەت ھەر بىر قەۋەتنىڭ قېلىنلىق دەرىجىسىدە بىر ئاز ئۆزگىرىش بولىدۇ. شۇڭلاشقا كىشىلەر پەردىنىڭ ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا كۆرۈنگەن ئۇلترا مىكرو تۈزۈلۈش سۈرىتى (ئۈچ قەۋەتلىك تۈزۈلۈش) نى بىئو پەردىلەرنىڭ بىرلىك پەردىسى دەپ ئاتىدى.
تېببىي,ئاناتومىيە
单位膜
dān wèi mó
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.