UyghurMain Dictionary
بىرلەشمە مېۋە چېۋە شىركىتى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كونترول قىلىدىغان مونوپول شىركىتى. 1899-يىلى قۇرۇلغان. بوستون مالىيە گوروھىغا قارايدۇ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدە كەڭ كۆلەملىك تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاپېلىسىن، كاكائو، شېكەر قۇمۇشى قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئشلەپچىقرىش، توشۇش ۋەسېتىشنى مونوپول قىلىۋالغان. يەنە بۇ دۆلەتلەرنىڭ تېلېفون، تېلېگرام، سودا، دېڭىز ترانسپورت، تۆمۈريول قاتنىشى، تاشقى سودىسى ۋە مۇھىم پورتلىرىنى كونترول قىلغان. ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ئۆزىنىڭ <قانۇنى>، ھەربىي ۋە ساقچىلىرى بولۇپ، گوياكى بىر <دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت>گە ئايلىنىپ قالغان. 1970-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا ماشىنا شىركىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، نامى بىرلەشمە ماركا شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بەزى دۆلەتلەر 1974-يىلى 9-ئايدائاپېلىسىن ئېكسپورت قىلغۇچى ئەللەر ئىتتىپاقىنى قۇرغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۈچى زەربىگە ئۇچرىغان.