UyghurMain Dictionary
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامى
دۇنيا تارىخى
1945-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ سانفرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامى>نى تۈزۈش يىغىنىدا ماقۇللانغان ۋە ئىمزالانغان. كېيىن 6-ئاينىڭ 26-كۈنى <ئاساسىي نىزام كۈنى>قىلىپ بېكىتىلگەن. 10-ئاينىڭ 24-كۈنى (كېيىن <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈنى> قىلىپ بېكىتىلگەن)دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي نىزام جەمئىي 19 باب 111 ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ب د ت نىڭ مەقسىتى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ھوقوقلىرى ۋە ئالتە ئاساسىي ئاپپاراتنىڭ فۇنكىسىيە دائىرىسى بەلگىلەنگەن.<بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى>غا قاراڭ.