UyghurMain Dictionary
بىرىكىش
بىئولوگىيە
ئوخشاش گامېتىلارنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان جىنىسلىق كۆپىيىش. تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردىكى ئىككى دانە ئوخشاش شەكىللىك گامېتىنىڭ قوشۇلۇش ئارقىلىق بىر دانە ھۈجەيرىنى ھاسىل قىلىش جەريانى، ياكى ئىككى ئىپتىدائىي ھايۋان ۋاقىتلىق جۈپلىشىش ئارقىلىق يادرولىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ھادىسىسى بىرىكىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئالدىنقىسى خىلامىدومونادالەش قاتارلىقلاردا، كېيىنكىسى تۇفېلىكىدا بولىدۇ.