Uyghur←ChineseMain Dictionary
بىر جىنىسلىق مېۋە
بىئولوگىيە
单性结实
dānxìngjiēshi
ئۇرۇقسىز مېۋە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېپىق ئورۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلانمايلا ئۇرۇقسىز مېۋە ھاسىل قىلىش ھادىسىسى. مېۋىنىڭ ھاسىل بولۇشىدا ئادەتتە چەكلىنىش ۋە ئۇرۇقلىنىش جەريانى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى: گۈل چېڭى ئانىلىقنى ئىندۇكسىيىلەپ ئۆسۈملۈك گورمونىنى بىرىكتۈرىدۇ. تۆرەلمە سۈتى بىلەن تۆرەلمە داۋاملىق ئۆسۈملۈك گورمونى ئىشلەپچىقىرىپ ئۇرۇقدان پوستىنى غىدىقلايدۇ، نەتىجىسىدە ئۇرۇقدان پوستى يوغىنايدۇ. بىراق بەزى ئەھۋال ئاستىدا، ئانىلىقتا يېتەرلىك ئىچكى مەنبەلىك گورمون بولغاندا، ئۇرۇقلانماي، ھەتتا چاڭلانماي تۇرۇپلا ئۇرۇقدان پوستى يوغىنايدۇ. مەسىلەن، بانان، ئۇرۇقسىز تاۋۇز قاتارلىق ئۈچ ھەسسىلەنگەن تەنلىك ئۆسۈملۈكلەر. بۇنىڭدا گامېتا يېتىلمىگەنلىكتىن ئۇرۇققا ئايلىنالمايدۇ. بىراق ئۇرۇقدان مېۋىنى تەبىئىي ھاسىل قىلالايدۇ. تۇرۇپ، ئۈزۈم، ئاپېلىسىن، تەرخەمەك، نەشپۈت، ئالما قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر جىنىسلىق مېۋە ھاسىل قىلىدىغان سورتلىرى بولىدۇ. سۈنئىي ئۇسۇلدا گورمون چېچىش ئارقىلىقمۇ بىر جىنىسلىق مېۋە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، قىش پەسلىدە ئۇرۇقسىز پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش.