Uyghur←ChineseMain Dictionary
بېرېبرا
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر伯尔拉
bó ěr lā
سومالى جۇھمۇرىيىتىنىڭ شىمالىي دېڭىز ياقىسىدىكى مۇھىم پورت شەھىرى. پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر، ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ جايغا ھەرخىل تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى كېلەلەيدۇ. ئاھالىسى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ. ھازىر ئۇ، سومالىنىڭ مۇھىم سودا مەركىزى، بۇ جايدا ھەرخىل چارۋا مەھسۇلاتلىرى سېتىلىدۇ، دۆلەت بويىچە سىرتقا چىقىرىدىغان تىرىك چارۋىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. يەنە تېرە، ئەرەب كاۋچۇكى قاتارلىق مەھسۇلاتلارمۇ سىرتقا چىقىرىلىدۇ. بېربېرانىڭ بېلىقچىلىق ئىشلىرى راۋاجلانغان. تاشيول ئارقىلىق بورا ۋە خارگېسا قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.