UyghurMain Dictionary
براندېنبۇرگ بەگلىكى
دۇنيا تارىخى
1150-يىلى گېرمانىيىدىكى چوڭ فېئودال ئالبىرېخت شىمالىي ماركنى مەركەز قىلىپ قۇرغان بەگلىك. ھۆكۈمرانى مارك گراف دەپ ئاتالغان. براندېنبۇرگ دېگەن ئىسىم يەرلىك غەربىي سىلاۋىيانلارنىڭ بىر شەھىرى براسنبوردىن كېلىپ چىققان. 1356-يىلىدىكى مۇقەددەس رى ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ ئېلان قىلغان <ئاتۇن مۆھۆرلۈك يارلىق> قا ئاساسەن، براندېنبۇرگ مارك گرافى ئىمپېرىيىدىكى يەتتە چوڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى كىنەزنىڭ بىرى دەپ قارالغان. 1415-يىلىدىن باشلاپ خوخېنزۇللېرن جەمەتى ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1486-يىلى <ۋارىسلىق كېلىشىمى> گە ئاساسەن، رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى مارك، كلېۋې ۋە راۋېنسبۇرگ قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان. 1618-يىلى پرۇسىيە كىنەزلىكىگە قوشۇلۇپ براندېنبۇرگ - پرۇسىيە دۆلىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن؛ 1701-يىلى نامى پرۇسىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرگەن