Uyghur←ChineseMain Dictionary
براككې
دۇنيا تارىخى
白拉克
bái lā kè
(1842 - 1880) گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. 1865-يىلى پۈتۈن گېرمانىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي لاسسالچىلار بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، گېرمانىيە سوتسىيال - دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنى (ئېيزېناخچىلار) قۇرغان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. پرۇسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن 1871-يىلى قولغا ئېلىنىپ قامالغان. 7318-يىلى <لاسسالنىڭ تەكلىپى> دېگەن كىتابچىسىنى ئېلان قىلىپ، لااسسالچىلىقنى توغرا، ئەمما ئۈزۈل - كېسىل بولمىغان ھالدا تەنقىد قىلغان. 1875-يىلى ماركس، ئېنگېلسنىڭ <گوتا پروگراممىسى> لايىھىسىگە بەرگەن تەنقىدىنى قوللىغان ھەمدە پارتىيە ئىچىدىكى ئاغمىچىلارغا قارشى كۈرەش قىلغان. لېكىن قەتئىي بولمىغان. 1877 - 1879-يىللىرى سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى بلوكىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.