UyghurMain Dictionary
بىپەرۋا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەرۋاسى يوق، ئېتىبارسىز، بىغەم:
سەيدى بىپەرۋا يۈرۈر گەر شاھبازى بولماسە،
مەملەكەت ۋەيران بولۇر شاھنىڭ ئايازى بولماسە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچبىر غەم - ئەندىشە قىلمايدىغان.
بىغەمنىڭ ئۇيقۇسى تاتلىق. پەمسىزنىڭ پاراسىتى يوق، غەمسىزنىڭ پاراغىتى. بىپەرۋا پات سەمرىيدۇ، ئاسان تۈگىشىدۇ. پەرۋاسىزغا پەرۋا قىلما. قىز تارتىنچاق كېلىدۇ، يىگىت غەم يېمەس. پەرۋايى پەلەككە پەگا بىلەن تۆرنىڭ پەرقى يوق. ئۇ _ ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تېگىدە يېتىپ مانتا يەيدىغان ئادەم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پەرۋا قىلمايدىغان. بىپەرۋا، پەرۋاسىز ئادەم
ئەستايىدىل
چىن كۆڭۈللۈك، دىققەت - ئېتىبار قىلىدىغان. ئەستايىدىل ئادەم
خەققە سەمىمىي بول، ئىشقا ئەستايىدىل بول. بىپەرۋا ئىشنى بۇزىدۇ. پەرۋاسىزدىن ئۈمىد يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
پەرۋاسىز، بىغەم.
بىپەرۋا قىياپەت. بىپەرۋا بالا.