Chinese→UyghurMain Dictionary
剥削
قانۇن
bō xuē
ئېكسپىلاتاتسىيە، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشDئۇنىۋېرسال
bō xuē
ئېكسپىلاتاتسىيە، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماق
دۇنيا تارىخى
ئېكسپىلاتاتسىيە
شەخس ياكى گۇرۇھلارنىڭ قولىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە تايىنىپ، باشقىلارنىڭ ياكى باشقا گورۇھلارنىڭ ئەمگىكىنى ھەقسىز ئىگىلىۋېلىش ھەرىكىتى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىدىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئەمگەك ئىش تەقسىماتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا، ئادەمنىڭ ئەمگىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ساقلاپ قېلىشى ئارقىسىدا، ئادەمنىڭ ئەمگىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىياجىدىن كۆپ ئېشىپ چۈشىدىغان مەھسۇلاتلارنى، يەنى قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان بولغاچقا، ئېكسپىلاتاتسىيە مۇمكىنچىلىككە ئايلانغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ كېلىپ چىقىشى، كەمبەغەللەر بىلەن بايلارنىڭ ئايرىلىشىنىڭ جىددىيلىشىشى ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ قۇلغا ئايلاندۇرۇلۇشى ئارقىسىدا، ئېكىسپىلاتاتسىيە رېئاللىققا ئايلانغان، تارىختا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاساسەن ئۈچ خىل ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمى، يەنى قۇللۇق تۈزۈم، فېئوداللىق تۈزۈم ۋە كاپىتالىستىك تۈزۈم مەيدانغا كەلگەن. قۇللۇق تۈزۈم شارائىتىدا، قۇلدارلار قۇللارنى بارلىق ئەمگىكى ھەقسىز ئەمگەك بولۇپ ئىپادىلەنگەن. فېئوداللىق تۈزۈمدە، دېھقانلار ياكى يانچىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان زۆرۈر ئەمگىكى ۋە پومېشچىك ئۈچۈن قىلغان ئوشۇق ئەمگىكى ماكان ۋە زامان جەھەتتە ھامان ئايرىم - ئايرىم بولغان. كاپىتالىزم تۈزۈمى شارائىتىدا، ئىشچىلارنىڭ زۆرۈرۈ ئەمگىكى بىلەن ئوشۇق ئەمگىكىنىڭ پەرقى ئىش ھەققى شەكلى بىلەن يېپىپ قويۇلغان. ئەمەلىيەتتە كاپىتالىست ئىشچىغا ئەمگەك كۈچىنىڭ ئوشۇق ئەمگىكىنى بولسا كاپىتالىست قوشۇمچە قىممەت شەكلىدە ھەقسىز ئىگىلىۋالغان. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئېكسپىلاتاتسىيە ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىش ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. كاپىتالىزم - ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمى. پرولېتارىياتنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى ئاخىرقى ھېسابتا ئېكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى يوقىتىپ، سىنىپ ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە بولمىغا كوممۇنىزم جەمئىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت.