Uyghur←ChineseMain Dictionary
بوۋنې
دۇنيا تارىخى
波温
bō wēn
(1847 - 1910) ئامېىركىنىڭ ئىدېئالىزمچى پەيلاسوپى، لېرسونلىزمنىڭ ئىجادچىسى. يېڭى جېرىسېي شتاتىدا تۇغۇلغان. 1187-يىلى نيۇ - يورك داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1873-يىلى پوپ بولغان. ياۋروپاغا بېرىپ ئوقۇغان. 1875-يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ، ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 6187-يىلىدىن باشلاپ بوستون داشۆسى پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئىشلىگەن. 1905 - 1906-يىلى دۇنيا ساياھەت قىلغان. <لېرسونلىزم> نى تەرغىپ قىلىپ، چەكسىز كىشىلىك قەدىر - قىممەت - يەنى خۇدا ئالەمنىڭ ئاساسى ۋە پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مەنبەسى، چەكلىك كىشىلىك قەدىر - قىممەت ئادەمدە بولىدىغان ئەركىن ئىرادە ۋە ئەخلاق كۆز قارىشى؛ <كىشىلىك قەدىر - قىممەت> نىڭ مۇكەممەل بولۇشى ياكى ئەخلاق جەھەتتىكى ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلەش - جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىنبىر ئالدىنقى شەرتى، دەپ ھېسابلىغان. شۇنىڭدەك تەبىئەت دۇنياسى خۇدانىڭ ئاڭ پائالىيىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى چىنلىقى، گۈزەللىكى ۋە مەرەھەمىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر، دەپ تەشۋىق قىلغان. كىشىلەرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان تونۇشىمۇ ئوخشاشلا خۇداغا بولغان تونۇشى، پەنمۇ دىنىي ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ بىر يولى دەپ قارىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <خۇداگۇيلۇق توغرىسىدا تەتقىقات>، <لېرسونلىزم> قاتارلىقلار بار.