Chinese→UyghurMain Dictionary
波特吉特
دۇنيا تارىخى
پوتگېتېر
(1792 - 1852) بۇر مۇستەملىكىچىسى، چوڭ كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. كاپې مۇستەملىكىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ خوجاينى بولغان.1835 - يىلى بۇرلارنى باشلاپ ۋات دەرياسى بىلەن ۋائال دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، ماتابېلىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1836 - يىلى ۋېكوپ جېڭىدە 3 - 4 مىڭ ماتابېلېنى قىرغىن قىلغان.1837 - يىلى بۇر ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1838 - يىلى ناتالىغا تاجاۋۇز قىلغان بورلارغا ياردەم بەرگەندە زۇلۇلار تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن، كېيىن قوشۇننى باشلاپ ترانسىۋالغا تاجاۋۇز قىلغان ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پوتچېفسىتروئوم (8381 - يىلى)، ئاندرىس - ئوخرىگىستا (1845 - يىلى) ۋە سۇتپان سبېرگ (1848 - يىلى) قاتارلىق بازىلارنى قۇرغان.