Chinese→UyghurMain Dictionary
波斯匿
تارىخ
bō sī nì
پىراسېناخېت
دۇنيا تارىخى
پاسېنادې
(ياكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىر) يېڭىلمەس ئارمىيە پادىشاھى ياكى زەپەر نۇرى پادىشاھى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى ھىندىستاندىكى كوسالا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى. ياش چاغلىرىدا ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى مەشھۇر شەھەر تاكساسلارنى زىيارەت قىلغان. دادىسى ماخانىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ كوسالاغا پادىشاھ بولغان. سراۋاستى شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. ساكيامۇنىنىڭ زاماندىشى، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، شۇنىڭدەك باشقا دىنلارغىمۇ كەڭچىلىك سىياسىتى قوللانغان. بۇددا نوملىرىدا ئۇنىڭ بىلەن ساكيامۇنىنىڭ قىلىشقان گەپلىرى خاتىرلەنگەن. ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى كوسولا باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ھىسابلانغان. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بىرقېتىم بۇددا دىنىنىڭ تەلىماتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا كەتكەندە ئۇنىڭ ۋەزىرىنىڭ يوشۇرۇن پىلانلىشى بىلەن شاھزادە ۋىليولمىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، پاسېنادېنى بىكار قىلغان. قايتىپ كىلىۋېتىپ يولدا بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ماگادخا پادىشاھلىقىغا كەتكەن. سىراۋاستى شەھىرىنىڭ سىرتىغا كەلگەندە ئاغرىپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ كۈيئوغلى ماگادخا پادىشاھى ئاجاتاسرۇكاتتا دەپنە قىلغان.