Chinese→UyghurMain Dictionary
波士顿茶党案
دۇنيا تارىخى
بوستوندىكى چاي پارتىيىسى ۋەقەسى
بوستوندىكى چاي تۆكۈش ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىمالىي ئامېرىكىدىكى بوستون خەلقىنىڭ ئەنگلىيە قۇرغان شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ چاي سودىسىنى مونوپول قىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇش ۋەقەسى. 1771-يىلى 4-ئايدا بوستون خەلقىنىڭ قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ئەنگلىيە <توۋىسېند نىزامى> نى بىكار قىلغان. 1773-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى شەرقىي ھىندىستان شىركىتى قۇتقۇزۇش نىزامىنى ماقۇللاپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ چاي توشۇپ سېتىش ھوقۇقىنى مونوپول قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بەلگىلەپ، خەلقنىڭ خۇسۇسىيلاردىن چاي سېتىۋېلىشنى مەنئى قىلغان. نيۇ ـ يورك، فىلاندېلفىيە ۋە چارلېستون خەلقى چاي يۆتكەشنى رەت قىلغان، سامول ئادمىس قاتارلىق كىشىلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە بوستون چاي پارتىيىسى تەشكىللەنگەن. 1773-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچىسى ئەنگلىيىگە قارشى ئامما مەزكۇر پارتىيىنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا ئىندىئانچە ياسىنىپ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ئۈچ كېمىىدىكى 312 ساندۇق چاينى دېڭىزغا تۆكۈۋەتكەن. ئەنگلىيە پورتىنى قامال قىلىش ۋە <مەجبۇرلاش بۇيرۇقى> چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆچ ئالغان. بۇ ئەھۋال خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغاپ، ئىككىنچى يىلى تۇنجى قېتىملىق كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغاپ، ئىككىنچى يىلى تۇنجى قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى ئېچىلغان.