Uyghur←ChineseMain Dictionary
بوسې
دۇنيا تارىخى
鲍斯
bào sī
(1897 - 1945)، ھىندىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى. كالكوتتا داشۆسى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ كېمبرىج داشۆسىدە ئوقۇغان. 1920-يىلى لوندوندا ھىندىستان مەمۇرىي ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. شۇ يىلى ھىندىستانغا قايتىپ كېلىپ ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1927-يىلى ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ بېنگالدىكى تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1929-يىلى 11-ئايدا جاۋاھەرلال بېنھرو بىلەن بىرلىكتە، خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ ئىچىدە ھىندىستان مۇستەقىللىك ئىتتىپاقىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1938-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان؛ 1939-يىلى قايتا سايلانغان بولسىمۇ، ئىستېپا بېرىپ يېڭى پارتىيە، يەنى <ئالغا بېسىش ئىتتىپاقى> نى قۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە فاشىستلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. 1943-يىلى 10-ئايدا سىنگاپوردا ياپون ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان ھىندىستان ئەسكەرلىرىىن تەشكىللەنگەن <ھىندىستان مىللىي ئارمىيىسى> نىڭ قوماندانى بولغان ھەمدە <ئەركىن ھىندىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى> نى قۇرغان. ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىكىنى ياپونىيىنىڭ قوللىشىدىن پايدىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خام خىيالىنى قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. 1945-يىلى 8-ئايدا ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن. <ھىندىستاندا 1920 - 1934-يىللاردا بولغان كۈرەشلەر> دېگەن ئەسىرى بار.
ئۇنىۋېرسال
بوسې (گۇاڭشىنىڭ بىر ناھىيىسى)
百色
bǎi s