UyghurMain Dictionary
بوران
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاۋانىڭ يەر ئۈستىدىكى ھەرىكىتى. دەرىجە پەرقى بار.
«بوران» 7 - 8 بالدىن يۇقىرى شامال.
«يەل»، «سەلكىن» ئىللىق، يېنىك شامال.
شامال چىقمىسا، دەرەخ لىڭشىمايدۇ. تۆگىنى شامال ئۇچۇرسا، ئۆچكىنى ئاسماندا كۆر. يەل يەرنى قۇرۇتىدۇ. يەل چىققاندا يەپ يات. قارا مۈشۈك قارىغانغا بوران چىقمايدۇ. ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران. ئارپا - بۇغداي سامانىنى سەلكىن ئايرىيدۇ، ئاتا - ئانا، قېرىنداشتىن ئۆلۈم ئايرىيدۇ. سەلكىن شامال توپلانسا، تەيفېڭ بورىنى بولار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
توپا - چاڭ ئارىلاش چىققان شىددەتلىك شامال.
كۆچمە. داغدۇغا ۋە شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت.
- ھە، ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ قانداق شامال بولاتتى، شامال ئەمەس، ئىنقىلاب بورىنى - دە! - دېدى رەيھان كامىلغا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
چاققان، ھايۋەتلىك، تېز. بوران چىقىپ، چاقماق چېقىپ، گۈلدۈرلەپ، يامغۇر يېغىش ئالدىدىكى دەھشەتلى مەنزىرە.