Chinese→UyghurMain Dictionary
波旁王朝
دۇنيا تارىخى
بوربون سۇلالىسى
بوربون جەمەتىنىڭ فرانسىيىدە (1589 - 1792، 1814 - 1815، 1815 - 1830)، ئىسپانىيىدە (1700 - 1808، 1814 - 1868، 1874 - 1860) ۋە پارما كىنەزلىكى (شىمالىي ئىتالىيەدە 1748 - 1802، 4718 - 1859) قۇرغان سۇلالە. بوربون جەمەتىنىڭ ئاتا - بوۋسى باش ئېپسكوپ ئەيمار (؟ - 8109) نىڭ سۇيۇرغالى بوربون قەلئەسىدە بولغانلىقتىن شۇ نام بىلەن ئاتالغان. 1272-يىلى بوربون سۇيۇرغاللىقىنىڭ ئايال ۋارىسى بېتىسرەىكىس كاپېتېن سۇلالىسىنىڭ شاھزادەىسى كلېمېنت روبىرت بىلەن توي قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بوربون جەمەتى ۋۇجۇدىغا خان جەمەتىنىڭ قېنى ئارىلاشقان. 1572-يىلى ناۋاررا كورۇلى بوربونلۇق ھېنرى Ⅲ ۋالۇيا سۇلالىسىنىڭ مەلىكىسى مارگارېت بىلەن توي قىلغان. 1789-يىلى ۋالۇيا سۇلالىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان كىشى بولمىغانلىقتىن، تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ ھېنرى Ⅳ دەپ ئاتىلىپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرنلىرقى باشلانغان. بوربون سۇلالىسى فرانسىيىدە فېئودال ئىستىبداتلىقنى يۈرگۈزگەن. فرانسىيە ئىقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن 1792-يىلى ئاغدۇرۇلغان. 1814-يىلى قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن (<بوربون سۇلالىسىنڭ ئەسلىگە كېلىشى> گە قارالسۇن). 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابى بوربون سۇلالىسىنىڭ فرانسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. 1700-يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅣ نىڭ نەۋرىسى فىلىپ ئسپانىيىىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، فىلىپ Ⅴ دەپ ئاتىلىپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ ئىسپانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. 1735-يىلى ۋە 1748-يىلى فىلىپ Ⅴ دەپ ئاتىلىپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ ئىسپانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. 1735-يىلى ۋە پارما كىنەزلىكىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىگىلىۋالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بوربون سۇلالىسىنىڭ ئىتالىيىدىى ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. كېيىن ئىتالىيىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدە نېئاپول پادىشاھلىقى ۋە پارما كىنەزلىكى 1859 - 1860-يىللىرى ساردىن پادىشاھلىق ۋ پارما كىنەزلىكى 1859 - 0186-يىللىرى ساردىن پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، بوربون سۇلالىسىنىڭ ئىتالىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلگەن. بوربون سۇلالىسىنىڭ ئىسپانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى 1931-يىلغىچە داۋالاشقان.