Chinese→UyghurMain Dictionary
波拿巴法
دۇنيا تارىخى
بۇناپارت ئاساسىي قانۇنى
<ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى>دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فرانسىيىنىڭ لۇئى ناپولىئون بۇناپارت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىۋاتقان مەزگىلدىكى (1851-1870) ئاساسىي قانۇنى. 1852-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 1779-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن نۇسخا قىلىنغان، دۆلەتنىڭ پۈتۈن ھوقۇقى زۇڭتىڭغىلا مەركەزلەشكەن، نامدا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى دېيىلگەن، ئەمەلىيەتتە پادىشاھلىق ئىستىبداتلىق يولغا قويۇلغان. ئاساسىي قانۇندا لۇئى بۇناپارت زۇڭتۇڭلۇققا كۆرسىتىلگەن، قەرەلى ئون يىل بولىدۇ، ۋارىس كۆرسىتىشكە ھوقوقلۇق؛ زۇڭتۇڭفرانسىيە خەلقىگە مەسئۇل بولۇپ، ھەرۋاقىت خەلققە مۇراجىئەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ زۇڭتۇڭ دۆلەتنىڭ باشلىق، مەمۇرىي ھوقوقنى تەنھائىگىلەپ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىش؛ ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش ۋە چەت ئەل بىلەن كېلىشىم تۈزۈش، ھەرقايسى مىنىستىرلار پەقەت زۇڭتۇڭ ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، دەپ بەلگىلەنگەن. پارلامېنت يىغىنى مەخپىي ئېچىلىپ، پارلامېنت باشلىقى زۇڭتۇڭ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. ئەدلىيە ھوقوقى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭىنىڭ نامى بىلەن يۈرگۈزۈلگەن. ئاساسىي قانۇندا يىگىرمە بىر ياشلىق ئەرلەرنىڭ ئومومىي سايلام ھوقوقى ساقلىنىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ نامزاتلار تۈزۈمى يولغا قويولغان. 1852-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى لۇئى بۇناپارتنى فرانسىيە كورۇل دەپ ئېلان قىلىپ ناپالىئون Ⅲ دەپ ئاتالغان. 06-يىللاردىن باشلاپ بارابارا ئىستىبىدات پادىشاھلىق ھاكىمىيەت ئۈستىدىن لىبېرالىزملىق ئىسلاھات يۈرگۈزۈلگەن.