Uyghur←ChineseMain Dictionary
بولشېۋىزم
دۇنيا تارىخى
布尔什维主义
bù ěr shén wéi zhǔ yì
ماركسىزم نەزەرىيىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بىر خىل سىياسىي پىكىر ئېقىمى. 1903-يىل 7-ئايدا، روسىيە سوتسىئال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى 2-ئايدا، روسىيە سوتسىئال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى 2-قۇرۇلتىيى پارتىيە پروگراممىسى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش ۋاقتىدا لېنىن باشچىلىقىدىكى ماركسىزمچىلار مارتوۋ باشچىلىقىدىكى ئاغىمىچىلاربىلەن كۈرەش ئېلىپ بارغان. پارتىيىنىڭ مەركىزي ئورگىنىنى سايلاش ۋاقتىدا لېنىنننى ياقلىغۇچى ئىنقىلابچىلار كۆپ ئاۋازغا ئىرىشىپ بولشېۋىكلار (رۇسچە <Болышевик> نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، كۆپ سانلىقلار دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان. لېنىنغا قارشى تۇرىدىغان ئاغمىچىلار ئاز سانلىق بولغاچقا مېنشېۋىكلار (رۇسچە <Меньшевик> نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئاز سانلىقلار دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان. بولشېۋىكلار لېنىن رەھبەرلىكىدە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىنىپىي دۈشمەنلەر ھەم 2-ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئاغمىچىلىق لۇشيەنى بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ماركىزمنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە پرولېتارىيات دېكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى ۋە تاكتىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمنى لېنىنىزم باسقۇچىغا كۆتۈرگەن. ستالىن: <بولشېۋىزم بىلەن لېنىنىزم ماھىيەتتە ئوخشاش. بۇ ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ ئىككى نامى> دېگەنىدى (<ستالىن ئەسەرلىرى> خەلق نەشرىياتىنىڭ 1956-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 6-توم، 306-بەت).
ئۇنىۋېرسال
布尔什维克主义
bù ěr shí wéi kè zhǔ yì