Chinese→UyghurMain Dictionary
勃柳贺尔
Domain: دۇنيا تارىخىبليوخېر
(1890 - 1938) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ماراشلى. دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. سېلىسار بولۇپ ئىشلىگەن. 1910-يىلى ئىش تاشلاشقا چاقىرىق قىلغانىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا، ئېغىر يارىلىنىپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن. 1916-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە سامارادا ئىنقىلابىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ، 1921 - 1922-يىللىرى يىراق شەرق جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، ھەربىي يىغىننىڭ رەئىسى بولغان. 1924- ( 1927-يىللىرى جۇڭگو گۇاڭدۇڭ ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىھى بولغان. 1929 - 1938-ىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق ئارمىيىسنىڭ قوماندانى بولغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.