Chinese→UyghurMain Dictionary
波立特
دۇنيا تارىخى
پوللىت
(1890 - 1960) ئەنگىلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ئىجرائىيەكومىىتېتىنىڭ رەئىسى (1956 - 1960). نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللىرى شاگىرت، ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1906 - يىلدىن باشلاپ ئەنگىليە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ كۆپ قېتىم ئىش تاشلاش كۈرىشىنى تەشكىللىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگىليە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1922 - يىلى ئەنگىلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتنىڭ ئەزاسى ۋە سىياسىي بيۇرۇنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1924 - 1943 - يىللىرى كوممۇنىستىك ئىنتىرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1929 - 1956 - يىللىرى ئەنگىلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. ئۇنىڭ <پوللىت تاللانما ئەسەلىرى>، <مىنىڭ شاگىرتلىق ھاياتىم> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.