Chinese→UyghurMain Dictionary
伯力审判
Domain: دۇنيا تارىخىبولى سوتى
1949-يىلى 12-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىراق شەرق ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بولى (خاباروۋىسكى شەھىرىدە، باكتېرىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەن ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان سوت جاۋابكار يامادا ئوتوياما) كانتون ئارمىيىسى قوماندانى(، كاجىتسۇكاتاكاجى )كانتون ئارمىيىسى تېببىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى(، كاۋاشماكىيو )731-قىسىم 4-بۆلۈمنىڭ باشلىقى( قاتارلىق 12 كىشى 1931-يىل 18-سېنتەبر ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ كانتون ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا زور مىقداردا جانغا زامىن بولىدىغان باكتېرىيە يېتىشتۈرگەنلىكى ھەمدە 1935-يىلى ۋە 1936-يىلى ئىلگىرى - ئاخىر 731-ۋە 100-قىسمىنى قۇرۇپ، باكتىرىيىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. كاۋاشماكىيو 1940 - 1945-يىللىرى ياپونىيە ئارمىيىسى تەسلىم بولغۇچە پەقەت 731-قىسىمنىڭ ئۆزىلا، جۇڭگو - سوۋېت خەلقىنى <تەجرىبە بۇيۇمى> قىلىپ 3000 دىن كۆپرەك كىشىنى پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. سوت داۋامىدا يەنە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگونىڭ نېڭبو، چاڭدې قاتارلىق رايونىدىمۇ باكتېرىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.