Chinese→UyghurMain Dictionary
伯里克利
دۇنيا تارىخى
پېرىكلېس
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 495 - 429) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. دۆلەتمەن ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. كىسانتىپۇنىڭ ئوغلى. مىلادىدىن تەخمىنەن 469 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشقان بولۇپ، ماھىر ناتىق ئىدى. ئۇ ياشلىق دەۋرىدە سەردار سىموننىڭ ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا جۈرئەت قىلىش بىلەن نامى چىققان. ئۇ پەيلاسوپ ئاناكسا گرواسنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 462 يىل ئىلگىرى ئىفئالت بىلەن بىرلىشىپ ئاقسۆڭەكلەر تەرەپدارلىرىنىڭ كاتتىبېشى سىمونغا قارشى تۇرغان ھەمدە ئاقسۆڭەكلەر كېڭەشمىسى (ئارىئوپاك) نىڭ نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالغان. مىلادىدىن 444 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ ئۇدا ئون بەش يىل گېنېرال بولۇپ سايلىنىپ، ئافىنا دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، ئافىنادا دېموكراتىك سىياسىنى ئاكتىپ يولغا قويغان. ئەمەلدار سايلاشتىكى مال - مۈلۈك سالاھىيەت چەكلىمىسىنى بىكارق ىلغان، دېھقانلارنىمۇ چەك تارتىش يولى بىلەن <ئارخون> بولالايدىغان قىلغان؛ ھۆكۈمەت خادىملىرى <گېنېرالدا باشقا( غا ۋەزىپە ھەققى بېرىشنى يولغا قويغان؛ ئادەتتىكى پۇقرالارغىمۇ ئويۇن كۆرۈش ياردەم پۇلى تارقاتقان. سىرتقا قارىتا دىلوس ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىپ، چوڭ شەھەر دۆلەتچىلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، >ئىتتىپاقچى< لارنىڭ قارشىلىقىنى باسترۇغان )مەسىلەن: مىلادىدىن 439 يىل ئىلگىرى سامۇس ئارىلىغا جازا يۈرۈش قىلغان(. مىلادىدىن 454 يىل ئىلگىرى دىلوس ئىتتىپاقىنىڭ ىنىسىنى ئافىناغا يۆتكەپ كېلىپ، ئىتتىپاقنىڭ ئولپان پۇلىدىن پايدىلىنىپ، قۇدرەتلىك دېڭىز فلوتىنى قۇرۇپ، ئافىنانىڭ دېڭىزدىكى مەنپەئىتىنى قوغدىغان ھەمدە ئافىنا شەھىرى بىلەن پېرېي پورتى ئارىلىقىدىكى مۇداپىئە - >ئۇزۇن سېپىل< قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان. سودا - سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئافىنا شەھىرىدە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، ئاكروپول قەلئەسى )مۇداپىئە شەھىرى( نىڭ مەركىزىدە ھەيۋەتلىك پارفىنۇن ئىبادەتخانىسىنى بەرپا قىلغان. ھەرقايسى جايلاردىن كەلەەن ئالىملارنى ئافىناغا توپلاپ، ئافىنانى >گرېتسىيىنىڭ مەكتىپى< قىلغان )پېرىكلېسنىڭ سۆزى(. ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا سپارتا بىلەن گرېتسىيىگە بولغان خوجايىنلىق قىلىشنى تالىشىشنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى تۈپەيلىدىن ئاخىرى پىلوپوېس ئۇرۇشى )مىلادىدىن 143 يىل ئىلگىرى( كېلىپ چىققان. ئۇرۇش داۋامىدا قۇرۇقلۇقتا چېكىنىپ بېرىش، دېڭىزدىن ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنپ، ئاتتىكا يېزىلىرىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان. ئۇرۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىقلار تۈپەيلىدىن ئۆكتىچىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 430 يىل ئىلگخرى بىر مەھەل گېنېراللىقتىن قالدۇرۇلغان ھەمدە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان. مىلادىدىن 294 يىل ئىلگخرى يەنە بىر نۆۋەت گېنېراللىققا سايلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يۇقۇملۇق ئاغرىق بىلەن ئۆلگەن. تارىخچىلار پېرىكلېس ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلنى گرېتسىيىنىڭ گۈللەنگەن، مەدەنىيەت - سەنئەتنىڭ گۈللەپ ياشنىغان دەۋرى دەپ ئاتىشىدۇ