Chinese→UyghurMain Dictionary
波列斯拉夫三世
دۇنيا تارىخى
Ⅲبولېسلاۋ
(0851 - 1138) پولشا كورۇلى (1102 - 1138). ۋلادىسلاۋ Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىللىرى ئاكىسى زىبگنېۋنى مەغلۇپ قىلىپ، چوڭ پولشانى (ھازىرقى پولشانىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ۋە مازوۋىيىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅴ نىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. 1116 - 1123-يىللىرى يەنە پومېرانىيىنى قوشۇۋېلىپ، پولشانى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. لېكىن بولېسلاۋ ئۆز ۋەسىيەتنامىسىدە دۆلەتنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىشنى ئېيتقاچقا، پولشادا يەنە فېئودال تەپرىقىچىلىك ھالەت پەيدا بولغان