Chinese→UyghurMain Dictionary
波里比阿
دۇنيا تارىخى
پولىيبىئۇس
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 205 - 125) ئىلگىرى قەدىمكى يۇنانلىق تارىخشۇناس. مېگالوپولى شەھىرىدە تۇغۇلغان. مىلادىدىن 181 - 180 يىل ئىلگىرى ئاكائا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىك ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىسىرغا بارغان. مىلادىدىن 169 يىل ئىلگىرى ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ قوماندانى بولغان. ئۈچىنچى قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن (مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى) گۆرۈ سۈپىتىدە رىمغا ئەۋەتىلگەن. سىپىئو جەمەتىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ۋە مەسلىھەتچىسى بولغان. كىچىك سىپىئوغا ھەمراھ بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىرغىقى، ئاكائا، كارفاگېن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلىغان. 40 توملۇق <ئومۇمىي تارىخ> ناملىق كىتابىدا رىمنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغانلىقى ئاساسىي مەزمون قىلىنغان. ئالدىنقى 2 تومى مۇقەددىمە بولۇپ، مىلادىدىن 264 - 221 يىل ئىلگىرى بولغان ۋەقەلەرنى، قالغان 38 تومى مىلادىدىن 220 يىل ئىلگىرىدىن مىلادىدىن 145 يىل ئىلگىرىگىچە بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. پۇنى ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى يۇنانلاشقان دۆلەتلەرنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. 6 - تومدا رىم دۆلىتىنىڭ تۈزۈمى تەھلىل قىلىنغان، 12 - تومىدا تارىخىي يىلنامەشۇناسلىق بايان قىلىنغان؛ ھازىرغىچىلىك ئالدىنقى 5 تومى شۇنىڭدەك باشقا توملىرىنىڭ بىر قىسىم پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان. ئەسەرنىڭ ئالاھىدىلىكى تەكشۈرۈش ۋە خاتىرىنىڭ چىنلىقىغا ئېتىبار بېرىش، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ تارىخ دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ، كەڭ رايونلارنىڭ ئومۇمىي تارىخىنى يېزىپ چىقىشنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت بولغان.