Chinese→UyghurMain Dictionary
波基奥
دۇنيا تارىخى
پوگگىئو
(1380 - 1456) ئىتالىيىلىك گۇمانىزمچى. رىم ۋاتىكانىدا كۆپ يىل كاتىپ بولغان. 1453 - 1458-يىللىرى فلورېنسىيىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىگەن. قەدىمكى ئاسارئەتىقىلەرنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ، ئارخېئولوگىيە كەسپىگە تولىمۇ ماھىر. پۈتۈن كۈچى بىلەن قەدىمكى دەۋردە ئۆتكەن يازغۇچىلارنىڭ يوقاپ كەتكەن قول يازمىلىرىنى توپلىغان، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى سىسېرونىڭ سەككىز پارچە نۇتقى، لۇكرېتىئۇسنىڭ <ماددا توغرىسىدا> ھەمدە تاستۇسنىڭ <گېرمانىيە تەزكىرىسى> قاتارلىقلار بار. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سەككىز توملۇق <فلورېنسېيە تارىخى> نى يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەلسەپە ۋە سىياسىي قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەزى مەسىلىلەر شەرھلەنگەن ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ يازغان.