UyghurMain Dictionary
بويتاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆيلەنمىگەن ياكى خوتۇنىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغان ئەر.
بويتاقنىڭ ئەقلى ئىككى كۆزىدە. پارىژ شەھەىردىكى 3 مىليون ئاھالىنىڭ 1 مىليون300 ،مىڭى بويتاق - تول ئىكەن. گۆش داڭقانغا تۇشلۇق، قىزىم سالتاڭغا. ساياق يۈرگەن تاياق يەر. ئەلگەكتە سۇ تۇرماس، ساياقتا پۇل. يالغۇز باش يېنىدىكى يېقىندىن يىراق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خوتۇن ئالمىغان ياكى خوتۇنسىز قالغان.
تۇل، يېسىر
ئەرسىز قالغان.
بويتاقنىڭ ئەقلى ئىككى كۆزىدە. گۆش داڭقانغا چۇشلۇق، قىزىم سالتاڭغا. خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل قالار. سودىگەرنىڭ جېنى پۇل، خوتۇنى تۇل. يېتىم - يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بوي + تاق
سۈپەت
توي قىلمىغان ياكى توي قىلىپ ئاجراشقان (ئەرلەر ھەققىدە).
لۇتپۇللا ئۆزىنىڭ بۇ بويتاق، قەدىناس، كونا ئارىتام قوشنىسىنى خۇش پېئىللىق بىلەن كۈتۈۋالدى.