UyghurMain Dictionary
بويسۇنماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىتائەت قىلماق، ئەل بولماق.
ياۋاش باش ئەگمىگەن يەردە، سەن تىزىڭنى پۈكمە. تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن ئۆرە تۇرۇپ ئۆلگەن ئەلا. زالىمغا بويسۇنما. بويتاققا بوي بەرمە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىتائەت قىلماق.
بويۇن تولغىماق، كۆكرەك كەرمەك، باش تارتماق
قارشىلىق كۆرسەتمەك.
بويسۇنغانغا قىلىچ ئۇرما. ياۋاش باش ئەگمىگەن يەردە، سەن تىزىڭنى پۈكمە. زالىمغا بويسۇنغان بوينى ئۈزۈلەر. ئاناڭغا بويۇن تولغىما، خورلۇق تارتىسەن، ناھەقچىلىكنى كۆرگەندە كۆكرەك كېرىپ چىققان باتۇر. ناھەق ئىشتىن باش تارتىش - ھەق يولىدا تىرىشقانلىق. ئاناڭدىن باش تارتما، ئاشمىسۇن مۇڭى، شەرەپنىڭ تاجىدۇر پۇتىكى چېڭى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بوي + سۇنماق
پىئېل
ئىتائەت قىلماق.
- بىز سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزغا بويسۇنىمىز، - دېدى مۇختار مەرگەن.
تەق بەرمەك، ماسلاشماق، كۆنمەك.
ئەمما غەيرەت مۇشۇ يەرنىڭ ئادىتىگە بويسۇنمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئىلاجسىز ئۇنى دوراپ سۇ ئېلىپ ئىچتى.
ئەمەل قىلماق، رىئايە قىلماق.
ئالاۋىدىن ئۇنىڭ گېپىگە بويسۇنۇپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ.