بوغماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قاتتىق يىغىپ سىقماق؛ سىقىپ باغلىماق:[مىسال:] گېلىنى بوغماق.[يەشمىسى:] ② مەلۇم ئارىلىقنى بىرەر توساق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ توسماق:[مىسال:] دەريانى بوغماق. يول ئېغىزىنى بوغماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توسقۇنلۇق قىلماق، ئۆسۈش، راۋاجلىنىش يولىنى توسماق:[مىسال:] ئۇ ئارۇپنىڭ ئاكتىپ، ئىلغار تەشەببۇسلىرىنى بوغۇپ، ياش كۈچلەرگە ھەدەپ زەربە بېرىۋاتقانلىقىغا چىدىيالمىدى.[يەشمىسى:] ④ گېلىدىن چىشلەپ ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] بىچارىنى بىر نېمە بوغۇپ قويۇپتۇ-دە، دېدى ئايۇپ ئاكام.[يەشمىسى:] ⑤ خۇلاسىلىماق:[مىسال:] ھېسابنى بوغماق.