UyghurMain Dictionary
بۆز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
توقۇلغان ماتا، خام؛
كى بۆز توقۇماقنى ئالىپ باپكار،
جەھان مۇلكىدە بۆز بىلە قىلدى كار.
غەرىبى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پاختا يىپتىن يەرلىك ئۇسۇلدا، قولدا توقۇلغان رەخت.
پېتى يوق تاۋاردىن ماتا ياخشى. يۇرتقا كەلگەن بۆز ئەرزان، ئېغىزغا كەلگەن سۆز ئەرزان. ئۆزى كەلسە كەلسۇن، بۆز خالتىسى كەلمىسۇن. ناچار شىشىنى بويىماق تەس. خامنى بۇزغان شانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوز.
(لەۋلەشتۈرۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ).
3 - 169
بىئولوگىيە
پاختا رەخت
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
بۆز - ئادەتتە پاختا يىپتىن توقۇلغان رەختنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى قۇجۇدا خانلىق تەرىپىدىن مەلۇم چوڭلۇقتىكى بۆزنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت تامغىسى بېسىلىپ ۋە ئىمزا قۇيۇلۇپ بازاردا پۇل ئورنىدا ئوبوروتقا قاتناشتۇرۇلغان. بۇنداق <پۇل> لار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا <بۆز> دەپ ئاتالغان. (بەزى ۋەسىقىلەردە <قانپۇ>، <قۇنپۇ>، <قانپۇ> دەپمۇ ئاتالغان).
<لياڭنامە. قۇجۇ تەزكىرىسى> دە: <قۇجۇدا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر كۆپ ئىكەن. بىرىنىڭ مېۋىسى پىلە قۇرۇتىنىڭ غوزىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئىنچىكە تالاسى بار، يەرلىك خەلق ئۇنى >بودى - جا< دەپ ئاتايدىكەن. يەرلىك خەلق ئۇنىڭدىن رەخت توقۇيدۇ. بۇ رەختنىڭ رەڭگى ئاق، بەك يۇمشاق بولۇپ، بازاردا پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ> دېيىلگەن. روشەنكى، بۇ پاختا رەخت بولۇپ قەدىمدە <بۆز> دەپ ئاتالغان. <جۇنامە. قۇجۇ تەزكىرىسى> دە: <باج - خىراج تۆلەش ئۈچۈن كۈمۈش پۇل ھېساب قىلىنىدۇ، يوقلاردىن بۆز - ماتا ئېلىنىدۇ> دېيىلگەن. <ۋېينامە. قۇجۇ تەزلىرىسى> دە: <مو بېشىغا قاراپ كۈمۈش پۇل تۆلەيدۇ، پۇلى يوقلار بۆز - خام تۆلەيدۇ> دەپ يېزىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە <... ئىشلىتىش ئۈچۈن بۆز كېرەك بولۇپ، ... بۆزنى مۇنداق پۈتۈشتۇق: لۈكچۈننىڭ بازىرىدا ئۆتىدىغان، ئىمزالىق (ۋە) تامغىلىق يىگىرمە ئۈچ بۆزگە توختاتتۇق> (مۇھەترېيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: <قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 143 - بەت). دېيىلگەن. بۇ خىل پۇلنىڭ كونكرېتنى قىممىتى ئېنىق مەلۇمات يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. پاختىدىن ئىشلەنگەن.
بۆز يىپ. بۆز تاغار.
ئى. قول دۇكىنىدا پاختا يىپىدىن توقۇلغان رەخت، ماتا.
بۆزچى بۆز توقۇيدىغان موكسىنى چاشقانغا بىر ئاتقانىكەن، چاشقان ئۆلۈپ قاپتۇ