UyghurMain Dictionary
بۆلەك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بۆلەنگەن نەرسىنىڭ ھەر بىر پارچىسى، بىر پۈتۈننىڭ تەشكىلىي قىسمى.
ئىشنىڭ بىر بۆلىكى ساڭا تەن. * ناننى تۆت بۆلەككە بولۇپ، بىر بۆلەكتىن يېدۇق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
گرامماتىك ئاتالغۇ. ئايرىم سىنتاكسىسلىق ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىدىغان سۆز - ئىبارىلەر.
جۈملە بۆلەكلىرى، باش بۆلەك، ئەگەشمە بۆلەك، بىرىكمە بۆلەكلەر. * جۈملىلەرنى بۆلەكلەرگە ئايرىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . باشقا، ئۆزگە، يات.
بۆلەكتىن. * بۆلەكچە. * سەندىن بۆلەك ھېچنېمە يوق. * بۆلەك چاپىنىڭنى كىي.
2 . ئايرىم، مۇستەقىل، ئالاھىدە. ئۇ ئوغلىنى بۆلەك قىلىپ قويۇپتۇ. * قوشنا بولساڭ بۆلەك بول، بۆلەك بولمىساڭ يۆلەك بول (ماقال).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
<بەلەك> كە قاراڭ. ( بۇ سۆزنىڭ يەنە <بەلىك> دېگەن تۈرىمۇ بار: بەلىكلەمەك - سوغا قىلماق، تارتۇقلىماق).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزدىن غەيرىي، ئۆزگە يات.
ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، باشقىنى شىر چاغلا، ئۆيى باشقىنىڭ مۇڭى باشقا. ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي. نېمىشقا لازىم ئۆزگىگە تايانماق، ئۆزگىگە تايىنىپ تەستۇر جان باقماق. تۈتۈنى بۆلەكنىڭ تۆشۈكى بۆلەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر يەردىن بىر يەرگە ئەۋەتىلگەن بولاق.
تۇغقانلاردىن خالتا كەلدى _ دەرد كەلدى. بىرى پۇل يىغار، بىرى خالتا تىكەر. پوسۇلكىنى ۋاقتىدا ئېلىۋېلىش كېرەك. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، پوچتىخانا ھەق ئالىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر پۈتۈننى تەشكىل قىلغۇچى.
ئىككىدىن بىر قىسمىنى سەن ئال، بىر قىسمى ماڭا قالسۇن. ياسىن ناننى تۆت بۆلەككە بۆلۈپ، بىرىمىزگە بىر بۆلەكتىن بەردى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
خالتا، سوۋغا. مەسىلەن: خالتا - ۋېلەك ئەۋەتتۇق _ سوۋغا - سالام ئەۋەتتۇق.
بىئولوگىيە
تەقدىم قىلىش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. بۆلۈنگەن نەرسىنىڭ بىر قىسمى؛ پارچىسى.
ناننىڭ بىر بۆلىكى، سوپۇننىڭ بىر بۆلىكى.
ئى. تەشكىل قىلغان ياكى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى؛ تەركىبىي قىسمى.
جۈملە بۆلەكلىرى. ماقالىنىڭ بۆلىكى.
تىر. باشقا، ئۆزگە.
ئۇنىڭ قەلبىگە ھازىر يەنىلا زۇلالدىن بۆلەك ھېچكىم سىغمايتتى.
سۈپ. باشقىلاردىن پەرق قىلىدىغان، ئالاھىدە، باشقىچە.
جايتېرەك، پەيزىڭ بۆلەك، ياشنار سېنى كۆرگەن يۈرەك.
سۈپ. ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل، ئالاھىدە، ئايرىم.
بۆلەك چىقارماق، ئۆيىنى بۆلەك قىلماق.
ئۇلارنىڭ زورىغارى بۆلەك.
رەۋ. باشقىدىن، قايتىدىن.
- ھەرقانداق ئىش بىر نۆۋەتتىلا ئەپلىشىپ بېرىۋەرمەيدۇ. قايتا ياساپ، بۆلەك سىناپ كۆرمەيمىزمۇ؟ - دېدى ئادىل.